نېتانياھۇ ئامېرىكاغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىدا ئىلگىرى «شەھەر باشلىقى» بولغان يېچىئېل لېيتېرنى ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نېتانياھۇ لېيتېرنى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، لېيتېر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى موشې يېدىديا لېيتېر 2023-يىلى 10-نويابىردا غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن.
لېيتېرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەزىپىسى دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن.
«Jerusalem Post» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لېيتېر ئىلگىرى غەربىي قىرغاقنىڭ ئەلخەلىل رايونىدا پەلەستىنلىكلەردىن تارتىۋېلىنغان زېمىنلاردا شەھەر باشلىقى بولغان.
ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بېسىۋالغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان «يېشا كېڭىشى» (Yesha Council) دېگەن تەشكىلاتتىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
«Jewish Inseder» تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لېيتېر ھازىرمۇ بېسىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا ياشىماقتا ئىكەن.