جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا جاۋابەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر دائىرىسىدە سېرىق دېڭىز يۆنىلىشىگە قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى.

2208191
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا جاۋابەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى باش ئىشتابىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان مانېۋىر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باياناتتا «خيۇنمو-2» قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىشلىتىلگەن مانېۋىر سېرىق دېڭىزدا، پايتەخت سېئۇلنىڭ 108 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى تائەن رايونى سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالنىڭ قۇترىتىشلىرىغا «ئېزىپ تاشلىغۇچى ئۈستۈنلۈك بىلەن» جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە: «بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئارمىيەمىز شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرقانداق قۇترىتىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ 5-نويابىردا ياپون دېڭىزىغا (شەرقىي دېڭىز) قاراپ بىر قانچە قىسقا مۇساپىلىك بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە 31-ئۆكتەبىردە ياپون دېڭىزىغا بۈگۈنگىچە ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىچىدە «ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش ۋاقتى»غا ئىگە دەپ قارالغان «يېڭى تىپتىكى خۋاسوڭ-19» تىپلىق قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) ئاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر