غەززەدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن
غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك، ئاچارچىلىق ۋە زوراۋانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى ستېفانى ترېمبلاي، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ترېمبلاي ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىنى قورشىۋېلىشىدىن كېيىن تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم تېببىي ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.
ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىمۇ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمايۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك، ئاچارچىلىق ۋە زوراۋانلىقتىن سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەرنى قوغداش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ، رايوندا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 14 مىڭ كىشى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا ياشىماقتا.»