كانادا خىتاينىڭ <TikTok>  مۇنبىرىنى «بىخەتەرلىك خەۋپى» سەۋەبىدىن چەكلىدى

كانادا خىتاي مەركەزلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى نى «بىخەتەرلىك خەۋپى» سەۋەبىدىن چەكلىدى.

2207627
كانادا خىتاينىڭ <TikTok>  مۇنبىرىنى «بىخەتەرلىك خەۋپى» سەۋەبىدىن چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا يېڭىلىق، پەن ۋە سانائەت مىنىستىرى فرانسوئىس-فىلىپپې چامپاگنې خىتاي مەركەزلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى <TikTok> نىڭ چەكلىنىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىر چامپاگنې <TikTok> دېتالىنىڭ كانادا ئۈچۈن بىخەتەرلىك خەۋپى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «<TikTok> نىڭ كانادادىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى» جاكارلىدى ھەمدە مۇنبەرنىڭ تورونتو ۋە ۋانكوۋېردىكى ئىشخانىلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كانادا پۇقرالىرىنىڭ دېتالنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان چامپاگنې: «پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ دېتاللىرىنى ئىشلىتىشتە مۇمكىن بولغان خەۋپلەرنى ياخشى ئانالىز قىلىشى مۇھىم» دېدى.

كانادا بىخەتەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (CSIS) باشلىقى داۋىد ۋىگنېئولت <TikTok> نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلايدىغان قانال» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە پۇقرالارنى بۇ ئىجتىمائىي تورنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر