كامالا ھاررىس سايلامدىكى مەغلۇبىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى كامالا ھاررىس 5-نويابىردىكى سايلامدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۆز قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامالا ھاررىس پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مەيدانىدا قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى.
سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلغان كامالا ھاررىس نۇتقىدا: «بۇ سايلامنىڭ نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن سۆزلىشىپ، غەلىبىسى ئۈچۈن ئۇنى تەبرىكلىدىم. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ۋە گۇرۇپپىسىغا بۇ ھوقۇق ئۆتكۈزۈش جەريانىنىڭ تىنچ ھالدا ئەمەلگە ئېشىشى جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم» دېدى.
ھاررىس ترامپقا ئەمەس، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا سادىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قوللىغۇچىلىرىغا: «مەن بۇ سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىمنى قوبۇل قىلىمەن، ئەمما بۇ سايلام سەپەرۋەرلىكىنى يالقۇنلاتقان كۈرىشىمىزدىن ۋاز كەچمەيمەن» دېدى.
دونلا ترامپ 2025-يىلى 20-يانۋاردا قەسەم بېرىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى سۈپىتىدە رەسمىي ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ.