جەنۇبىي كورېيە «مېتا»غا ئېغىر جەرىمانە قويدى

جەنۇبىي كورېيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «مېتا»غا بىلەن ئەيىبلەپ 21.62 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 15.67 مىليون دوللار) جەرىمانە قويدى.

2207759
جەنۇبىي كورېيە «مېتا»غا ئېغىر جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، مېتانىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى 980 مىڭ فېيسبۇك ئىشلەتكۈچىسىنىڭ مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئېلان بەرگۈچىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، توپلانغان ئۇچۇرلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىياسىي قاراشلىرى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مېتا بۇ ئۇچۇرلارنى تەخمىنەن 4 مىڭ ئېلان بەرگۈچى بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى بىۋاسىتە ئوبيېكىت قىلغان ئېلانلارنىڭ ئەۋەتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىش بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر