گۇتېررېس ترامپنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس : «ئامېرىكا بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى» دېدى.
2207726
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىيو گۇتېرېس ئامېرىكانىڭ يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يازما بايانات ئېلان قىلدى.
ب د ت نىڭ ئامېرىكادا يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت بىلەن دۇنيا دۇچ كەلگەن چوڭ سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بەرپاچى شەكىلدە ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان گۇتېرېس، ترامپنى تەبرىكلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى
گىرېتسىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى