ياۋروپا رەھبەرلىرى ترامپنى تەبرىكلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان دونالد ترامپنى تەبرىكلىدى.

2207268
ياۋروپا رەھبەرلىرى ترامپنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان دونالد ترامپنى ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋەتنى ئاجىزلاشتۇرماستىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «دونالد ترامپنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىتتىپاقداشلا ئەمەس، بىز خەلقلىرىمىز ئارىسىدىكى 800 مىليون پۇقرانى بىرلەشتۈرگەن ھەقىقىي شېرىكچىلىك بىلەنمۇ بىر-بىرىمىزگە باغلىقمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان كۈچلۈك بىر ترانسئاتلانتىك كۈنتەرتىپنى ياقلاپ بىرلىكتە خىزمەت قىلايلى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مېشېلمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى تارقىتىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەڭگۈلۈك ئىتتىپاقداشلىق ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداشلار ۋە دوستلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن،  بەرپاچى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان 2017-2021 يىللىرى ئارىلىقىدا ۋاشىنگتون بىلەن بىريۇسسېل ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك سۈركىلىشلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىك ئاپپاراتى خېلىدىن بېرى ترامپنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تەييارلىقلارنى قىلىۋاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر