ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى قەتلى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەتىگەندىلا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى جەننىن شەھىرى ۋە ئۇ يەردىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن بېسىپ كىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جېنىنغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا شەھەر ۋە پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ئەتراپىغا نۇرغۇن مەرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئۇل ئەسلىھە ۋە يوللارنى ۋەيران قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تۇرغان پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغان.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كاباتىيە بازىرى ۋە تۇباس شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمدا 8 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىنى تارتىۋېىپ بارغان زوراۋان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇسقا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 167 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 775 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
جەنۇبىي سۇداندا خولېرا ۋاباسى تارقاپ 60 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جەنۇبىي سۇداندا 28-ئۆكتەبىردىن بۇيان خولېرا ۋابا كېسىلى سەۋەبىدىن 60 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.