ترامپ: تارىخ يازدۇق، غەلىبە قىلدۇق

ئامېرىكادا 5-نويابىر (2024) باشلانغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى.

2207111
ترامپ: تارىخ يازدۇق، غەلىبە قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەلقى 5-نويابىر (2024) 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز تاشلىدى.

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ غەلىبە نۇتۇقى سۆزلىدى.

 ئۇ فلورىدادا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، سايلام نەتىجىسىنىڭ «تارىخىي ۋە سىياسىي غەلىبە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تارىخ يازدۇق، غەلىبە قىلدۇق» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تارىخ يازدۇق. 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتىڭلارنى سايلىغىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ھەر كۈنى سىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. ئامېرىكانىڭ ئالتۇن دەۋرى بولىدۇ، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ غەلىبە.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى 538 ۋەكىلدىن تەشكىل تاپىدىغان «سايلىغۇچىلار كېڭىشى» بەلگىلەيدىغان بولۇپ، نامزاتنىڭ ئاقسارايغا كىرىشى ئۈچۈن 270 ۋەكىلگە ئېرىشىشى كېرەك.

بىرەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، دونالد ترامپ 267 ۋەكىلگە، دېموكراتلارنىڭ نامزاتى خاررىس 224 ۋەكىلگە ئېرىشكەن. سايلىغۇچىلار كېڭىشى 17-دېكابىر (2024) كىمنىڭ رەسمىي ئۇتقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. كېڭەش پالاتاسى 6-يانۋار (2025) غەلىبە قىلغان نامزاتنى تەستىقلايدۇ. 20-يانۋار ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى كونگرەدە قەسەم بېرىدۇ ۋە ئاقسارايدا پىرېزىدېنت جو بايدىندىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەر ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ئىككى قانىتى بولغان 435 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسى ۋە 100 كىشىلىك كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ ئورۇنغا ئىگە بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر