تېھران ترامپنىڭ سايلىنىشى بىلەن ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى نەتىجىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2207272
تېھران ترامپنىڭ سايلىنىشى بىلەن ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ھۆكۈمەت باياناتچىسى فاتما مۇھاجىرانىنىڭ ئىچكى كابېنىت يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاجىرانى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بىز بىلەن بەك ئالاقىسى يوق. چۈنكى ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭ ئومۇمىي سىياسىتى مۇقىم. بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنىڭ كېلىشى بىلەن كۆپ نەرسىلەر ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ» دېگەن.

ئۇ دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشىدىن قايغۇرمايمىز. بىزگە نىسبەتەن ھەر ئىككى نامزاتنىڭ پەرقى يوق» دېگەن.

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھاجىرانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ئىرانلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر