تەيۋەن ئەسكەرلىرى راكېتالارنى ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى
خىتاي بىلەن جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ راكېتا ئاتار قىسىملىرى تەينەن شەھىرىدىكى بىر ھەربىي بازىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىردا راست راكېتا ئوقلىرى بىلەن ئېتىش مەشقى قىلدى.
2207053
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن ئەسكەرلىرى مانېۋىر رايونىدا تەيۋەندە ئىشلەپچىقىرىلغان كېسترېل راكېتالىرىنى ئېتىش مەشىقى قىلدى. راكېتا ئوقلىرى بەلگىلەنگەن نىشانلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دەل تەگدى.
مانېۋىر خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋە مەجبۇرىي ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ بىر يىلغا ئۆرلىىشىدىن كېيىن، ئەسكەرلەرنىڭ راكېتا ئېتىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.
ئامېرىكا يېقىندا تەيۋەن بىلەن قورال سېتىش كېلىشىمى تۈزگەن ئىدى.