جەنۇبىي كورېيەنىڭ بەزى  مىنىستىرلىقلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مىنىستىرلىقلارنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

2207215
جەنۇبىي كورېيەنىڭ بەزى  مىنىستىرلىقلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە بىر مىنىستىرلىق مەسئۇلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىگە 5-نويابىردا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 17:30 ئەتراپىدا تور ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ DDoS (يەنى تارقاق مۇلازىمەت رەت قىلىش) ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەسئۇل، بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن تور بېكەتنىڭ مەلۇم ۋاقىت توختاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي كورېيە ئۇچۇر مەنبەلىرى مۇلازىمىتى خادىمى، دۆلەتتىكى نۇرغۇن مىنىستىرلىق تور بېكەتلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۇجۇملار ھازىر توختىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، تېخى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشمىدى. شۇنداقتىمۇ بىز خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

مىنىستىرلىق تور بېكەتلىرىگە قىلىنغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ نورمال ئەھۋال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن مەسئۇل، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ IP ئادرېسلىرىنىڭ توسۇۋېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ تور بېكىتىدىمۇ ئۇلىنىش مەسىلىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، تور ھەرىكەتلىرى قوماندانلىقى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

مەسئۇللار ھۇجۇمنىڭ كەينىدە كىملەرنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرمەكتە.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ تور بىخەتەرلىك كۆزەتكۈچىسى، شىمالىي كورېيەنىڭ مۇمكىن بولغان تور ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، يەرلىك ئورگان ۋە كارخانىلارنى سانلىق مەلۇمات قوغداش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر