گاللانت ۋەزىسىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ نېتانياھۇ مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

2206974
گاللانت ۋەزىسىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا نېتانياھۇنىڭ : «(گاللانت بىلەن) ئوتتۇرىمىزدىكى ئىشەنچ سۇسلاشتى. كۆپ قېتىم ئارىمىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشتىم، ئەمما بۇ تېخىمۇ كېڭەيدى» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

مەھەللىي تاراتقۇلار گاللانتنىڭ ئورنىغا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائېل كاتزنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ بىلەن گاللانتنىڭ ئارىسىنىڭ سوغۇقچىلىق بۇرۇندىنلا مەلۇم ئىدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بۇرۇنمۇ گاللانتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچى بولغان، ئەمما نامايىشلار سەۋەبىدىن بۇ قارارىدىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر