دونالد ترامپ سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى

ئامېرىكادا يېڭى پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز تاشلىغان مىليونلىغان سايلىغۇچى، دېموكرات كامالا خاررىس بىلەن جۇمھۇرىيەتچى دونالد ترامپتىن بىرىگە ئاۋاز تاشلىماقتا.

2207114
دونالد ترامپ سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەلقى يېڭى پىرېزىدېنتنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئاۋاز تاشلىدى. غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە قارىغاندا، 50 ئىشتاتنىڭ 27 sىدە غەلىبە قىلغان ترامپنىڭ ۋەكىل سانى267   گە چىقتى. 16 ئىشتات ۋە ۋاشىنگتون رايونىدا غەلىبە قىلغان خاررىس 210 ۋەكىلنى قولغا كەلتۈردى.

پىرېزىدېنتلىق ئۈچۈن، نامزاتلارنىڭ بىرى كەم دېگەندە 270 ۋەكىل سانىغا يېتىشى كېرەك.

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ترامپ %51.1 ئاۋازغا ئېرىشكەن، كامالا خاررىس %47.3 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

ترامپ غەربىي ۋىرجىنىيە، تېننېسسى، جەنۇبىي كارولىنا، ئوكلاخوما، مىسسىسىپى، كېنتاكى، ئىندىيانا، فلورىدا، ئالاباما، ئاركانزاس، لۇئىسيانا، شىمالىي داكوتا، ۋايومىڭ، نېبراسكا، جەنۇبىي داكوتا، ئوخايو، تېكساس، مىسسۇرى، يۇتا، مونتانا، كانزاس، ئايوۋا ، ئىداخو، شىمالىي كارولىنا، ۋىسكانسىن ۋە پېنسىلۋانىيە قاتارلىق 27 ئىشتاتتا غەلىبە قىلدى.

خاررىس غەلىبە قىلغان (16+1) ئىشتات تۆۋەندىكىچە:  ۋېرمونت، كوننېكتىكات، ماسساچۇسېتس، مارىلەند، رود ئارىلى، يېڭى جېرسىي ، دېلاۋار، ئىللىنويىس ، نىيۇ يورك، كولورادو، كالىفورنىيە، ئورېگون، ۋاشىنگتون، يېڭى مېكسىكا، ۋىرجىنىيە، ھاۋاي ئىشتاتلىرى ۋە ۋاشىنگتون د. س رايونى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغۇچىنى بەلگىلەش ئۈچۈن، سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە پىرېزىدېنت نامزاتىغا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ نامزاتنىڭ پارتىيەسىنى قوللايدىغان ۋەكىللەرگە ئاۋاز بېرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئېچىلغان ئاۋاز ساندۇقلىرىدىكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىققا ئېرىشكەن بولۇپ، 51 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈردى. دېموكراتلار 42 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. 435 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسىدا بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر 179 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. دېموكراتلار بولسا، 148 ئورۇندا قالدى. ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن 218 ئورۇنن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئامېرىكا سايلام تۈزۈمى بويىچە، جەمئىي 538 سايلىغۇچى ۋەكىل بار بولۇپ، نامزاتنىڭ بىرى بۇ ساننىڭ 270 ىگە ئىگە بولغاندا پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر