ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىچە غەززەگە ھۇقۇم قىلىپ 29 نەپەر پەلەستىن پۇقراسىنى قەتلى قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا كېچە بويىچە داۋاملاشتۇرغان ھۇجۇملىرىدا ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 29 پەلەستىنلىك قەتلى قىلىندى.

2206584
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىچە غەززەگە ھۇقۇم قىلىپ 29 نەپەر پەلەستىن پۇقراسىنى قەتلى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA>  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 396 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى دائىرىسىدە بەيت لاھىيا، دەير ئەل-بەلاھ، ئەز-زەۋايىدە ۋە خان يۇنۇستىكى يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت لاھىيادا بىر ئۆيگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 20 پەلەستىنلىك قەتلى قىلىندى.

غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دەير ئەل-بەلاھ شەھىرىدە بىر چېدىرغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى پۇقرا ۋە ئەز-زەۋايىدە رايونىدا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

جەنۇبتىكى خان يۇنۇس شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا  بولسا3 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر