ۋاشىنگتون: رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا ئۇرۇندى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئامېرىكا تور ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2206843
ۋاشىنگتون: رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئامېرىكا تور ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە پائالىيەتچىلىرىنىڭ سايلامدا ئامېرىكالىق مەسئۇللارنىڭ «ساختىپەزلىك قىلىش پىلانى تۈزگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ماقالە بىلەن ئارىزونا ئىشتاتىدا «سايلام ساختىپەزلىكى يۈز بەرگەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنى خاتا شەكىلدە كۆرسەتكەن بىر كۆرۈنۈشنى يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، رۇسىيە چېتىشلىقى بار پائالىيەتچىلەرنىڭ «سايلامنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، سايلىغۇچىلارغا سايلام جەريانى توغرىسىدا ۋەھىمە سېلىش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي تاللىشى سەۋەبلىك بىر-بىرىگە زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈنۈشلەرنى ۋە ساختا ماقالىلەرنى توقۇپ چىققانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيەنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ «قۇترىتىش خەۋپى بارلىقى» قەيت قىلىنغان باياناتتا، پائالىيەتلەرنىڭ «سايلام جەريانىغا بولغان ئىشەنچنى داۋالغۇتۇش» ۋە ئامېرىكالىق سايلىغۇچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ سايلام كۈنىدە ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ھوشيار بولۇش تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا يەنە ئىراننىڭ «ئامېرىكا سايلىمىغا قارىتىلغان مۇھىم چەت ئەل تەسىر كۆرسىتىش تەھدىتى» بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكادا بۈگۈن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر