مەھمۇد ئابباس: غەززەدە ئوت توختىتىش قارارىنى يولغا قويۇش ۋاقتى كەلدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان 2735-نومۇرلۇق قارارىنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2206639
مەھمۇد ئابباس: غەززەدە ئوت توختىتىش قارارىنى يولغا قويۇش ۋاقتى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا شەھەر مۇنبىرى»دە سۆز قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان 2735-نومۇرلۇق قارارىنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس: «غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا خەلقىمىز دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىر يىل توشتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى 2735-نومۇرلۇق قارارىنى دەرھال يولغا قويۇش ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ئابباس ئامېرىكانىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرىگە قارشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۈچ قېتىم ۋېتو (رەت) قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، 2334-نومۇرلۇق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنى (ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ماكانلىشىش پائالىيەتلىرىنى دەرھال ۋە تەلتۈكۈس توختىتىشقا چاقىرغان قارار) يولغا قويۇشنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئېتنىك تازىلاش، يەر ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابباس: «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىدە ۋە شەرقىي قۇددۇس شەھىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىزچىل تۈردە شەھەر تەرەققىياتىغا ئېغىر چوڭ توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەززەدىكى ئۆي، قۇرۇلۇش، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەرنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ۋەيران قىلىندى، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن ئاشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلغان ئابباس، «ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنى توختىتىش، جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە ئۆزىنى خەلقئارا قانۇندىن ھالقىغان بىر كۈچتەك ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە جىنايەتلەر سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاش»قا چاقىردى.

ئابباس پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشىنىڭ رايوندا ئادالەت ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدان ئېلان قىلغان ۋە تۇنجى باسقۇچىدا غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ باسقۇچلۇق تەكلىپنى قوللاش تەلەپ قىلىنغان قارار لايەھىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر