ھىندونېزىيەدىكى يانار تاغ پارتلىشىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى

ھىندونېزىيەنىڭ فلورېس ئارىلىدا يۈز بەرگەن يانار تاغ پارتلىشىدا دەسلەپكى بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

2206592
ھىندونېزىيەدىكى يانار تاغ پارتلىشىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ يىراق ئاراللىرىدىن بىرى بولغان فلورېستىكى لېۋوتوبى لاكى لاكى تېغىدا يانار تاغ پارتلىشى يۈز بەرگەن.

پارتلاشتىن كېيىن لاۋا ئېقىمى يېتىپ بارغان بىر يېزىدا، ماناستىر بىلەن قوشۇلۇپ، بىر قانچە ئۆي كۆيۈپ كەتكەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار بىر راھىبەنى قوشقاندا جەمئىي 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رايوندا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، مەسئۇللار لېۋوتوبى لاكى لاكى تېغى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرگەن ئىدى.

يانار تاغ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ھەر كۈنى ھاۋاغا ئىككى مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە قويۇق قوڭۇر رەڭلىك كۈل پۈركۈمەكتە.

«تىنچ ئوكيان ئوت ھالقىسى، يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ بەلبېغى» غا جايلاشقان ھىندونېزىيەدە، 130 ئاكتىپ يانار تاغنىڭ بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر