غەززەدىكى ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى مىڭلارچە بالىغا ۋاكسىنا ئەملەنمەيلا ئاخىرلاشتى
ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ۋە ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان پالەچلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش پائالىيىتى مىڭلىغان بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەيلا ئاخىرلاشتى.
2206668
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەنىڭ شىمالىدا پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئاگېنتلىقى، ب د ت بالىلار ياردەم فوندى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان <10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا پالەچلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنسى ئەملەش پائالىيىتى>نىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقانلقىنى، پائالىيەت جەريانىدا 94 مىڭ بالىغا ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا مىڭلىغان بالىلارغا يېتىشمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
غەززەدە بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، ھەپتىلەرچە داۋاملاشقان قورشاۋ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ توختىماي ئېلان قىلىۋاتقان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش تەلەپلىرى ھەم بومباردىمانلىرى، ئەملەشنى ئېغىر دەرىجىدە كېچىكتۈردى ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىندىكى ۋەكىلى رىك پېپېركورن، غەززەنىڭ شىمالىدىكى بارلىق بالىلارغا ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادھانوم گېبرېيۇس 1-نويابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «غەززەنىڭ شىمالىدا 23-ئۆكتەبىردە كېچىكتۈرۈلگەن پالەچلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش پائالىيىتى ئەتە (2-نويابىر) قايتا باشلىنىشقا تەييار» دېگەنىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا 23-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىق، كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان، كۆپ ساندىكى كۆچۈرۈش بۇيرۇقلىرى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئارىلىقىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ب د ت بالىلار ياردەم فوندى ۋە ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئاگېنتلىقى غەززەنىڭ شىمالىدىكى پالەچ كېسىلى ۋاكسىنىسى ئەملەش پائالىيىتىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.