دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك پارلامېنتى رەئىسى (AN) جورگې رودرىگېز، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2206652
دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
fransa'da fransa-israil macina tepki.jpg
fransa-israil maci tepki.jpg
fransa'da israil'e tepki.jpg
fransa-israil macina tepki.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رودرىگېز پايتەخت كاراكاستىكى پارلامېنت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «فاشىزمغا قارشى دۇنيا پارلامېنت مۇنبىرى يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

رودرىگېز پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بومباردىمان قىلىنغان ھەر بىر دوختۇرخانا، ۋەيران قىلىنغان ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپ ئامېرىكا ھەربىي سانائىتىنىڭ ئۇرۇش سودىگەرلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىجرائاتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچى (ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن) نېتانياھۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر قانخور بولغىنىدەك، ئۇ بومبىلارنى، ئايروپىلانلارنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەۋەتكەنلەرمۇ ئوخشاشلا قانخورلاردۇر» دېدى.

گوللاندىيەدىمۇ غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

خىلۋېرسۇم شەھىرىدە بىر يەرگە توپلانغان پەلەستىننى قوللىغۇچىلار، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىچىك بالىلارنى خاتىرىلىدى.

نامايىشتا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئىسىملىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىمۇ پەلەستىن تەرەپدارى پائالىيەتچىلەر فىرانسىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى بىناسىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بىناغا كىرگەن نامايىشچىلار، 14-نويابىردا «فرانس ستادىيەسى»دە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان فرانسىيە-ئىسرائىلىيە مۇسابىقىسىنىڭ بېكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ شۇئارلار توۋلىدى ۋە ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر