بلىنكېن گاللانت ۋە ئابدۇللاتى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇللاتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2206612
بلىنكېن گاللانت ۋە ئابدۇللاتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بلىنكېننىڭ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇللاتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بلىنكېن گاللانت بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىراندىن ۋە ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلاردىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى «ئامېرىكانىڭ ھەردائىم ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى» تەكرارلىغان.

بلىنكېن غەززەدىكى بارلىق پۇقرالارغا بېرىلىدىغان ئىنسانىي ياردەملەرنى كۆپ مىقداردا كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان، ھەمدە غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، توقۇنۇشتىن كېيىنكى غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

تەرەپلەر يەنە لىۋاندىكى لىۋانلىق ۋە  ئىسرائىلىيەلىك پۇقرالارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىغا بىخەتەر قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بلىنكېن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇللاتى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كۆپەيتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا غەززەدە توقۇنۇشتىن كېيىنكى باسقۇچ ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋە قايتا قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىككى مىنىستىر لىۋاندىكى كۆك لىنىيەنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىگە مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلار توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بلىنكېن يەنە لىۋانلىق رەھبەرلەرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى «پىرېزىدېنتلىق ئورنىنىڭ قۇرۇق تۇرۇش» مەسىلىسىنىڭ جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر