ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى ئاشماقتا
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 986 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 13 مىڭ 402 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ1- ئۆكتەبىر (2024) دىن بۇيان لىۋانغا ئۈزلۈكسىز ھاۋا ھۇجۇمى قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈن (4-نويابىر) كى ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى قازا قىلىپ، 83 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 - نويابىر شەنبە كۈنىگىچە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 986 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 13 مىڭ 402 گە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىن پايتەخت بېيرۇتقا ۋە شىمالغا كۆچۈش دولقۇنى داۋاملاشماقتا.
لىۋان ھۆكۈمىتى يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلاردىن 539 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سۈرىيەگە كۆچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئائىلە قورو بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدا ئىككى ئائىلە قورۇ بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى.