ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 43 مىڭ 374 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 43 مىڭ 374 گە يەتتى.

2206418
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 43 مىڭ 374 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 395 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە ئۈچ «قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىپ، يەنە 33 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 156 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 43 مىڭ 374 كە، يارىلانغانلار سانى 102 مىڭ 261 گە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر