ئىسرائىلىيەلىك زوراۋان ئېقىندىلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ 20 ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى

پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان زوراۋان ئىسرائىلىيەلىكلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ ئەل-بىرە شەھىرىدە 20 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەردى.

2206179
ئىسرائىلىيەلىك زوراۋان ئېقىندىلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ 20 ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راماللاھقا يېقىن ئەل-بىرە شەھىرىنىڭ سانائەت رايونىغا سەھەردىلا بېسىپ كىرگەن بىر توپ ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەلەستىنلىكلەرنىڭ 20 ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى.

ئىسرائىلىيەلىك زوراۋان گۇرۇپپا يەنە، ئوت ئۆچۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رايونغا بارغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە خەلق مۇداپىئە ئەترىتىگىمۇ ئوق چىقاردى.

2023-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار كۆپەيدى.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن بۆلگۈنچى سېپىلغا ۋە قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش كېڭىشى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالغان زوراۋان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئۆكتەبىردە پەلەستىنلىكلەرگە 1490 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 451 مىڭ ۋە شەرقىي قۇددۇستا تەخمىنەن 230 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك باسقۇنچىلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان بولۇپ، خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى بۇ بۇلاڭچىلىق قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.

بۇ جايلاردا قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقان ئىسرائىلىيەلىكلەر، غەربىي قىرغاقتا ئىشغالىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر