مالايشىيا باش مىنىستىرى: ئىسرائىلىيە ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم پەلەستىن مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئىسرائىلىيەنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2206321
مالايشىيا باش مىنىستىرى: ئىسرائىلىيە ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىلىشى توغرىسىدا قارار لايىھەسى تەييارلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

باش مىنىستىر ئەنۋەر پارلامېنتقا (دېۋان راكيات) مەزكۇر قارار لايىھەسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى؛ باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم مالايشىيانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا رۇخسەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئادالەت سوتىدىن پىكىر بىرىشى تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسىنى تەييارلىغان «ئۆزەك گۇرۇپپا»غا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ لايىھەنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ب د ت پەلەستىنلىك قاچقۇنلارغا ياردەم بېرىش ۋە قۇرۇلۇش ئاگېنتلىقىنىڭ غەززە، غەربىي قىرغاق، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە سۈرىيەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنۋەر ئىبراھىم قارار لايىھەسى ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىندا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لايىھەدە پەلەستىن مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئىسرائىلىيەنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنىڭ تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر