زاخاروۋا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش جەريانى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، دۆلىتىنىڭ بەزى ئەسىر ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2205836
زاخاروۋا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش جەريانى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا: «كىيېۋ ھۆكۈمىتى تىزىملىكتىكى ئەسىرلەردىن پەقەت 279 ئەسكەرنى ئالدى. قالغان 700 گە يېقىن ئەسكەرمۇ ئۆز ئۆيىگە قايتالايتتى» دېدى.

زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئەسكەر ئالماشتۇرۇش جەريانى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇكرائىنانىڭ بۇ جەرياننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان زاخاروۋا، بۇ يىل رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 935 ئۇكرائىنالىق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان بىر تىزىملىك تەييارلاپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماسلاشتۇرۇش مەركىزىگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «كىيېۋ ھۆكۈمىتى بۇلاردىن پەقەت 279 ئەسكەرنى ئالدى. قالغان 700 گە يېقىن كىشىمۇ ئۆز ئۆيىگە قايتالايتتى» دېدى.

زاخاروۋا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ «رۇسىيە تەرىپىدىن <ئاشقۇن> ۋە <تېررورچى> دەپ بەلگىلەنگەن مىللەتچى ئەسكەرلەر بىلەن چەتئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى» بىلدۈردى ۋە: «كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ» دېدى.

زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ بەزى ئۇكرائىنالىق ئەسىرلەرنى قايتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالار توغرىسىدا: «<رۇسىيە ئۇكرائىنالىق دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى خالىمايدۇ> دېگەن دەۋالار پۈتۈنلەي يالغان» دېدى.

مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان زاخاروۋا، رۇسىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش جەريانىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىھانىڭ «رۇسىيە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى ۋە دوختۇرلارنىڭ ئۇكرائىنالىق ئەسىرلەرنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى»دېگەن باياناتىنىڭمۇ «يالغان» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن زاخاروۋا، كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي غەربنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر