ئىسرائىلىيە لىۋانغا 11 مىڭ 876 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە 109 قېتىم ھەمدە 2023 - يىلى 8 - ئۆكتەبىردىن بۈگۈنگىچە 11 مىڭ 876 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <NNA> نىڭ خەۋىرىدە، لىۋان مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە دۆلەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە لىۋاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا 109 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى سانىنىڭ 11 مىڭ 876 قېتىمغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن 1133 پاناھلىنىش مەركىزى قۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ مەركەزلەرگە ھازىرغىچە 190 مىڭ 83 كىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانى سەۋەبىدىن كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، لىۋان بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 23-سېنتەبىردىن 2-نويابىرغىچە لىۋاندىن سۇرىيەگە 539 مىڭ 164 كىشىنىڭ ئۆتكەنلىكى، بۇلاردىن 361 مىڭ 300 كىشىنىڭ سۇرىيەلىك، 177 مىڭ 864 كىشىنىڭ لىۋان پۇقراسى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
دوكلاتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 2968 كىشى ئۆلۈپ، 13 مىڭ 319 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىر لىۋان پۇقراسىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىغا دېڭىز ئارقىلىق ئەسكەر چىقىرىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بۇھەبىبكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇش بۇيرۇقى بەردى.
باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، مىقاتىنىڭ شىمال ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەترۇن ناھىيىسىدە ئىماد ئەمھەز ئىسىملىك لىۋان پۇقراسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن لىۋان ئارمىيە باش قوماندانى جوسېف ئاۋن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى (UNIFIL) قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرى (UNIFIL) قوماندانلىرى مىقاتىغا ۋەقە ھەققىدە كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە ئارمىيە بىلەن ماسلىشىش ئورنىتىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مىقاتى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تېزلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇھەبىبتىن بۇ ئىش ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە جىددىي ئەرز سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.