ئەنگلىيەدە دىندارلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سابىق سودا مىنىستىرى كېمى بادېنوچ سايلاندى

ئەنگلىيەدە 14 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئىيۇلدىكى سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان دىندارلار (كونسىرۋاتىپلار) پارتىيەسىدە رىشى سۇناكتىن بوشىغان رەھبەرلىك ئورۇندۇقىغا سابىق سودا مىنىستىرى كېمى بادېنوچ ئولتۇردى.

2205830
ئەنگلىيەدە دىندارلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سابىق سودا مىنىستىرى كېمى بادېنوچ سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىندارلار پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئۆكتەبىر بويىچە ئېلىپ بارغان سايلام سەپەرۋەرلىكلىرى نەتىجىسىدە ئىيۇلدا ئىستېپا بەرگەن سابىق باش مىنىستىر سۇناكنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرىدىغان نامزات مۇئەييەنلەشتى.

ئەنگلىيەدە 2010-2024 يىللىرى ئارىسىدا ھاكىمىيەتنى ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلگەن دىندارلار پارتىيەسى رەھبەرلىكى ئۈچۈن كېمى بادېنوچ، جەيمس كلېۋېرلى، توم تۇگېندھات ۋە روبېرت جېنرىك بىلەن رىقابەتلەشكەن بولۇپ، بۈگۈن 53 مىڭدىن ئارتۇق بىلەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

دەسلەپكى ئىككى باسقۇچتا ئۇتتۇرۇپ قالغان كلېۋېرلى ۋە تۇگېندھاتتىن كېيىن، بادېنوچنىڭ بىردىنبىر رەقىبى بولغان جېنرىكنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بېلەت سانى 41 مىڭدا قالدى.

44 ياشلىق كېمى بادېنوچنىڭ تولۇق ئىسمى ئولۇكېمى ئولۇفۇنتو ئادېگوكې بادېنوچ بولۇپ، پارتىيەنىڭ تۇنجى تېگى ئافرىقالىق رەھبىرى بولۇش سۈپىتىدە تارىخقا ئىسمى يېزىلدى.

بادېنوچ، مارگارېت تاتچېر، تېرېسا مەي ۋە لىز تراسستىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىكىگە كۆتۈرۈلگەن تۆتىنچى ئايال سىياسەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر