كوڭ-رېي تەيفېڭ بورىنى تەيۋەنگە ئېغىر زىيان سالدى

تەيۋەندە كوڭ-رېي تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 3 كىشى قازا قىلىپ، 690 كىشى يارىلاندى.

2205795
كوڭ-رېي تەيفېڭ بورىنى تەيۋەنگە ئېغىر زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن خەۋەر ئاگېنتلىقى <CNA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىددىي ۋەزىيەتلەرنى باشقۇرۇش مەركىزى (CEOC) تەيفېڭ بورىنىنىڭ 10 مىڭ 831 قېتىملىق ماددىي زىيان سالغۇچ ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى دوكلات قىلىنغان.  

نانتوۋ ئۆلكىسىدە يول ئۈستىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دەرەخ كىچىك يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ، ماشىنىدىكى 56 ياشلىق چەتئەللىك بىر ئايال قازا قىلغان.

پايتەخت تەيپېيدە موتسىكلىت ھەيدەۋاتقان 48 ياشلىق بىر كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن توك ئىستولبىسىغا سوقۇلۇپ قازا قىلغان.

تاۋيۈەن شەھىرىدە قۇرۇلۇش سۇپىسىدىن بىر كۆچمەن ئىشچى يىقىلىپ چۈشۈپ ئۈچىنچى قازا بولۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شىددەتلىك بوران ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە 690 كىشى يارىلانغان.

تەيفېڭ بورىنىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان  كىشىلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان 10 جىددىي مۇداپىئە پاناھلىنىش ئورنىدا ھازىر 155 كىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 950 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ توكى، 63 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ سۈيى ئۈزۈلۈپ قالغان.

ھازىرمۇ ئاز دېگەندە 32 مىڭ ئائىلىگە توك، 1240 ئائىلىگە سۇ بېرىلمىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

خسىنجۇ، تاۋيۈەن ۋە خۇاليېئەندە يوللارنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن 3 رايوننىڭ قاتنىشى توختاپ قالغان بولۇپ،  تەيجۇڭ ۋە نانتوۋدىمۇ نۇرغۇن يوللار بۇزۇلۇپ قاتناش توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر