ئىيوردانىيە باشقىلارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايدۇ
ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى رايوندىكى سۈركىلىشلەردە باشقىلارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ئىشلىتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەنىڭ «PETRA» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىيوردانىيە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلمۇمىنى دۆلىتىنىڭ رايوندىكى بەزى كۈچلەرنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇمىنى ئىيوردانىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى، دۆلىتىنىڭ بۇنداق دەپسەندىچىلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، ئىيوردانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق تەرەپكە قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، دۆلىتىنىڭ ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ توقۇنۇش مەيدانى بولالمايدىغانلىقىنى، ھەربىي ئايروپىلانلار، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.