ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بائالبېك شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بائالبېك شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا بائالبېك شەھىرىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 72 كىشى يارىلانغان.
ھىزبۇللاھ بىلەن 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان كونتروللۇق شەكىلدە توقۇنۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، 23-سېنتەبىردە لىۋاننىڭ جەنۇبىي شەھەرلىرىدىن باشقا، بەقا ۋە بائالبېك رايونلىرىغا يۈزلەرچە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 104 بالا ۋە 194 ئايال بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 2897 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 13 مىڭ 150 كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمان قىلىشى سەۋەبىدىن لىۋاندا يۈز مىڭلىغان كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.
دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىن پايتەخت بېيرۇت ۋە شىمالغا كۆچۈش دولقۇنى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، لىۋان ھۆكۈمىتى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 518 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سۈرىيەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.