ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى شىۋېيتسارىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالدى.

2205690
ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باربارا ۋۇدۋارد، دۆلىتىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ۋۇدۋارد ئەنگلىيەنىڭ ناھايىتى قىيىن بىر مەزگىلدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى شىۋېيتسارىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز.

ئەنگلىيە نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە پۈتۈن دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرق، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە سۇدانغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.

ئوتتۇرا شەرقتە زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلە  نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە ھەردائىم ئەنگلىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولىدۇ.

دۇنيا بويىچە 339 مىليون كىشى ب د ت ۋە شېرىكلىرى تەمىنلىگەن ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج، ب د ت دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پائال ھەرىكەتتە بولۇپ، ھازىر بولۇپمۇ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ ئورنىنى باسالايدىغان باشقا ھېچقانداق ئورگان يوق، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئورگانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنى خاتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پەقەت پەلەستىنلىكلەرلا ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ ئېھتىياجى بار.»

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى دېكابىر ئېيىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئۆتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر