ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتونغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتوننىڭ ھاماس ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2205434
ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتونغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بىل كلىنتوننىڭ «ھاماس ئۆزۈڭلارنى قوغدىشىڭلار ئۈچۈن پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشكە سىلەرنى مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى دىرېكتورى روبېرت س. مەككاۋ، كلىنتوننىڭ ھاماس ھەققىدىكى سۆزلىرىنى «مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك ۋە ھاقارەت قىلىش» دەپ ئاتىدى.

مەككاۋ كلىنتوننىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى كامالا خاررىسنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى:

«مۇھىمى قانچە كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنىمىز ئەمەس. ھاماس پۇقرالار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۆزۈڭلارنى قوغدىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر