كولومبىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى
كولومبىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا مۇھىت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە پەلەستىندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەسىرلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى كولومبىيەنىڭ كالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىيولوگىيەلىك خىلمۇخىللىق يىغىنىغا قاتناشتى.
مالىكى يىغىن دائىرىسىدە كولومبىيە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى سۇسانا مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى مىنىستىر كولۇمبىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا مۇھىت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە پەلەستىندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەسىرلىرىنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.
مالىكى كېلىشىمنىڭ پەلەستىن ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«كولومبىيە بىلەن ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم مۇھىت ئاسراش كۈرىشىمىزگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشىدۇ. كولومبىيەنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي-مۇھىت ساھەلىرىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»
كولومبىيە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى سۇسانا مۇھەممەد بۇ كېلىشىمنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كېلىشىم پەقەت تېخنىكىلىق جەھەتتىن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇرۇشنىڭ پەلەستىندىكى مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈشنىمۇ نىشان قىلىدۇ. شۇنداقلا كولومبىيەنىڭ دۆلەتلىك مۇھىت سىستېمىسىنىڭ پەلەستىن مۇھىت ئاسراش ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىىشىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»