غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 43 مىڭ 259 غا يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 55 ئادەم كۆپىيىپ، 43 مىڭ 259 غا يەتتى.

2205587
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 43 مىڭ 259 غا يەتتى
gazze cocuk.jpg
gazze.jpg

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 392 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 3قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 55 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 186 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 43 مىڭ 259 غا، يارىلانغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 101 مىڭ 827 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر