بلىنكېن: لىۋان-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

2205438
بلىنكېن: لىۋان-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىنىستىر بلىنكېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا «قويۇق خىزمەت» ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۇر قارارىغا ئاساسەن ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 

 «تېخى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشىمىز بار، ئەمما ئۇرۇش توختىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىشىمىز ناھايىتى مۇھىم.»

بلىنكېن غەززەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتتىمۇ ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى، ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ رايونغا كىرىشى بىلەن بىرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا تارقىتىشنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر