ترامى تروپىك بورىنى 145 فىلىپپىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

فىلىپپىننىڭ شەرقى شىمالىي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن تروپىك بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ھادىسىلىرى ئېغىر تالاپەتلەرگە سەۋەب بولدى.

2204447
ترامى تروپىك بورىنى 145 فىلىپپىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە فىلىپپىننىڭ شەرقى شىمالىغا يېتىپ كەلگەن ترامى تروپىك بورىنى پەيدا قىلغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 145 كە يەتتى، يوقاپ كەتكەن 37 كىشىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

كەلكۈن 7.3 مىليون كىشىنى زىيانغا ئۇچراتتى ۋە 761 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

دۆلەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا يەر كۆچۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ترامى تروپىك بورىنى سەۋەبىدىن بەزى رايونلاردا توك بىلەن تەمىنلەش توختاپ قالدى، فىلىپپىن مىقياسىدا 293 يول ۋە 67 كۆۋرۈكتە قاتناش توختىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر