ئىران: قوشنىلىرىمىز ئۆز زېمىنلىرىنى ئىرانغا قارشى قوللىنىشقا يول قويمايدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئەراقچى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى ئىرانغا قارشى قوللىنىشقا يول قويمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2201601
ئىران: قوشنىلىرىمىز ئۆز زېمىنلىرىنى ئىرانغا قارشى قوللىنىشقا يول قويمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ «ئانا» خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەراقچىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان رايوندىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە مىنىستىر ئابباس ئەراقچى: «قوشنىلىرىمىز زېمىنلىرىنىڭ ئىرانغا قارشى قوللىنىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى. كۇۋەيت مەن زىيارەت قىلغان رايوندىكى 11-دۆلەت. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە (ئوتتۇرا شەرقتىكى) كەسكىنلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە كۈچەيمەسلىكى ھەققىدە كۆز قاراش بىرلىكى بار» دېگەن.

رايوندىكى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئەھۋالدا ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەراقچى، دۆلىتىنىڭ ھەر خىل ئېھتىماللىققا تەييار بولۇش بىلەن بىرگە، رايوندا ئۇرۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئىسرائىلىيە رايوندا ئۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ كويىدا، بىز بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن مىنىستىر ئەراقچى: «رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر