گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ بەيت لەھيە ۋە پۈتۈن غەززە رايونىدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى تۈپەيلى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ مۇئاۋىنى فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ ئىسرائىلىيەگە نارازىلىقىنى بايان قىلدى.
فەرھان ھەق ئىسرائىلىيەنىڭ بەيت لەھيەگە قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئايال ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«باش كاتىپ گۇتېررېس غەززىدىكى ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىمەكتە.»
فەرھان ھەق باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ياماملىشىپ كېتىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاممىۋى ھالدا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، گۇتېررېسنىڭ پۇقرالارنىڭ ھەر دائىم قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ رايونغا كىرىش يولى ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
فەرھان ھەق ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ھازىرمۇ ناھايىتى ئېغىر بولغان ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دوختۇرخانىلار نىشانغا ئېلىنماسلىقى كېرەك» دېدى.
باياناتچى فەرھان ھەق باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ تەرەپلەرنى يەنە بىر قېتىم دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى قەيت قىلدى، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.