تۈركىيەنىڭ «ياخشىلىق پاراخوتى» سومالىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل ئىدارىسى (AFAD) تەرىپىدىن ئاچارچىلىق ئاپىتىگە دۇچار بولغان سومالى خەلقىگە يوللانغان پاراخوت 3 مىڭ توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ئېلىپ سومالىغا يېتىپ باردى.

2200599
تۈركىيەنىڭ «ياخشىلىق پاراخوتى» سومالىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (SODMA) نىڭ باياناتىدا، تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن يېمەكلىك، چېدىر ۋە تازىلىق ماتېرىياللىرى بىلەن تولغان پاراخوتنىڭ پايتەخت موگادىشۇغا يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ياخشىلىق پاراخوتى» دىكى ياردەم بويۇملىرىنىڭ مۇراسىم بىلەن سومالى ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا: «موگادىشۇنىڭ ئاساسلىق پورتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېھتىياجلىق سومالى خەلقىگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن چوڭ پاراخوت تاپشۇرۇۋېلىندى» دېيىلدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر سالاھ ئەھمەد جاما مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر