شولز تۈركىيەگە كەلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنى ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا قوبۇل قىلىدۇ.
ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مۇھىم مەسىلىلەر يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئەردوغان بىلەن شولز تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى بېرلىندىن «Eurofighter Typho» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
ئىككى رەھبەر خىزمەت زىياپىتىدىن كېيىن، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئەردوغان بىلەن شولز سىنتەبىر ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغانىدى.