شولز: تۈركىيە زىيارىتىم جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا كۆچمەنلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولاف شولز بېلگىيەنىڭ پايتەختى برۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
شولز تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئۇچرىشىشتا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئەلۋەتتە ھەردائىم مۇھىم بىر مەسىلە. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىشى توغرا ۋە مەنتىقىلىق. بىز بۇنى ھەردائىم قوللىدۇق ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدۇق.
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىمىزغا تېگىشلىك باشقا مەسىلىلەرمۇ بار.»
ئۇ، تۈركىيە زىيارىتىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، گىرېتسىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىش ئۈچۈن رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى قاتارلىق تېمىلارنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە ھەردائىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرمىز.»