پەلەستىنلىك ئانىلارنىڭ نالە – پەريادلىرى ئاق سارايغا يېتىپ باردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر گۇرۇپپا پەلەستىن تەرەپدارى پائالىيەتچىلەر، غەززەدىكى ئاياللارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
2200275
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تەرەپدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار ئاق ساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىنالىرى ئالدىدا توپلاندى.
نامايىشچىلار ئاق ساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا پەلەستىنلىك ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق نالە - پەريادلىرى سىمۋوللاشتۇرۇلغان ئاۋاز خاتىرىلىرىنى ياڭراتقۇچ ئارقىلىق ئاڭلاتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 42 مىڭ 438 پەلەستىنلىك قەتل قىلىندى.