كرېملىن: زېلېنسكىي ناتونىڭ توقۇنۇشقا قاتنىشىشىنى رەسمىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا

دىمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى ناتونىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىنى رەسمىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

2200084
كرېملىن: زېلېنسكىي ناتونىڭ توقۇنۇشقا قاتنىشىشىنى رەسمىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى ناتونىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىنى رەسمىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

پېسكوۋ زېلېنسكىينىڭ يېقىندا ئۇكرائىنا پارلامېنتىغا سۇنغان «تىنچلىق پىلانى»نى تەنقىد قىلىپ: «بۇ پىلاننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ناتونىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر. پىلاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە دۇنياغا جاكارلانغان قىسمى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. زېلېنسكىي ئەمەلىيەتتە ‹دوستلار، سىلەر بۇرۇن بىرەسمىي ھالدا ئارىلاشقان ئىدىڭلار، ئەمدى بۇنى رەسمىيلەشتۈرەيلى، ناتو رەسمىي ھالدا بۇ يەرگە كەلسۇن› دېمەكچى. بۇ ئىنتايىن قىسقا نەزەرلىك، ئەقىلسىز ۋە مەنتىقىسىز بىر ئۇرۇنۇش» دېدى.

پېسكوۋ بۇ پىلاننىڭ ھەقىقىي تىنچلىق پىلانى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ناتو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ، ھەتتا ناتونىڭ ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق مەنتىقىسىز ۋە ئەخمىقانە تەكلىپلەردىن ئانچە خۇشال بولمىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر