ب د ت: بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى قانۇنسىز مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى بارلىق دۆلەتلەر ۋە ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
كومىتېت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز مەۋجۇدىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك «قانۇنىي سالاھىيەت ھۆججىتى» نى ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ب د ت نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، خەلقئارا قانۇن بويىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە قىلمىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنىي جاۋابكارلىقلار ھەققىدىكى تەۋسىيە خاراكتېرلىك دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى مەۋجۇدىيىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر.»