ئەنگلىيە ب د ت باش كاتىپىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممى، ئىسرائىل تەرىپىدىن چەكلەنگەن ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنى ۋە ب د ت نىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2199936
ئەنگلىيە ب د ت باش كاتىپىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەىزىر داۋىد لاممى دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ جاكارلاپ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنى ۋە ب د ت نىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ھاياتىي ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاممى تۈنۈگۈن گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت ۋە ب د ت نىڭ رايوندىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتە كەسكىنلىكنى دەرھال پەسەيتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ جاكارلاپ، دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر