ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى.

2199792
ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا چاقىرىلغان، ناتونىڭ  مۇداپىئە ۋە تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، ئۇكرائىنانى قوللاش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر قاتناشتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى مارك رۇتتې يىغىن ھارپىسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات ئېلان قىلدى.

رۇتتې ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بولغان يېڭى زېلاندىيە، ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ناتونىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر