نىگېردا فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىن قالغان كوچىلارنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى

نىگېردا فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىن قالغان كوچا ۋە مەيدانلارنىڭ ئىسىملىرى ئافرىقالىق تارىخىي شەخشلەرنىڭ ناملىرىغا ئۆزگەرتىلدى.

2199851
نىگېردا فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىن قالغان كوچىلارنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ياشلار ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قارار ماقۇللاپ، پايتەخت نىئامېيدىكى نۇرغۇن كوچا ۋە مەيدانلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتتى.

نىگېر ياشلار ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئامادو ئابدۇراخمان بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «پايتەخت نىئامېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردىكى كوچىلار، مەيدانلار ۋە چوڭ يوللارغا، نىگېر خەلقىگە فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئەزىيەتلەرنى ئەسلىتىدىغان ئىسىملار قويۇلغان.

شۇڭا، فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن <چارلېز دېگول> نىڭ ئىسمى قويۇلغان چوڭ يولنىڭ ئىسمى نىگېرنىڭ مۇستەقىللىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەردىن بىرى بولغان <جىبو باكارى> غا ئۆزگەرتىدى.

يەنە نىئامېيدا فىرانسىيەلىك قوماندان پارفايت-لۇئىس مونتېلنىڭ تاشتىن ياسالغان تامغا ئويۇلغان سۈرىتى ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا بۇركىنا فاسونىڭ مەشھۇر رەھبىرى توماس سانكارانىڭ سۈرىتى ئويۇلدى.

<فىرانكوفونى مەيدانى> نىڭ ئىسمىمۇ بۇركىنا فاسو، نىگېر ۋە مالى تەرىپىدىن ياسالغان <ساھېل دۆلەتلىرى ئىتتىپاق مەيدانى> غا ئۆزگەرتىلدى.»

نىگېردا  1961-يىلى فىرانسىيەلىك كومپوزىتور ماۋرىس ئالبېرت تىرىئېت يازغان «La Nigerienne» نىڭ ئورنىغا، 2023-يىلى 6-ئايدا بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن  «ۋەتەننىڭ شەرىپى ئۈچۈن» ناملىق دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇشقا باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر