رۇسىيە ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ

ئىران «كەۋسەر» ۋە «خۇد خۇد» ناملىق ئىككى سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن رۇسىيەگە ئەۋەتتى.

2197985
رۇسىيە ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسالغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «كەۋسەر» سۈنئىي ھەمراھى بىلەن ئەقىللىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇچۇر-ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «خۇد خۇد» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سۈنئىي ھەمراھلار خۇسۇسىي بىر شىركەت تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، قويۇپ بېرىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بېرىلمىدى.

خەۋەردە، «كەۋسەر» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرۈنۈشلەرنى ئالالايدىغانلىقى، يېزا ئىگىلىكى، تەبىئىي بايلىقلار، مۇھىت ۋە كىرىزىس باشقۇرۇش ساھەلىرىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن لايىھەلىنىپ ياسالغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خۇد خۇد» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ، دۆلەتنىڭ يىراق رايونلىرىدا ئۇچۇر-ئالاقە تورىنى ۋە ئەقىللىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇچۇر-ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە ياسالغان كىچىك سۈنئىي ھەمراھ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە 2022-يىلىمۇ ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربېتاغا چىقارغان ئىدى.

ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئالەم ئىشلىرىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىدىن، بولۇپمۇ ئىران سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىشىدىن ۋە ئىسىرائىلىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر